Menu Close

« ئۇيغۇرلارغا نەزەر » ژورنىلى 5 – سان

 

 

 

مۇھەررىردىن

ئۇيغۇرلارغا نەزەر  ژورنىلىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى، ياخشىمۇسىلەر!

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، ژورنىلىمىزنىڭ ئۆتكەنكى سانىدا ئېلان قىلغىنىمىزدەك، بۇ يىلدىن ئېتىبارەن ژورنال قۇرۇلمىسىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى. بولۇپمۇ ئاساسلىق سەھىپىمىز بولغان «ئىلمى مۇھاكىمىلەر» تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ، مەخسۇس بىر چوڭ تېمىغا بېغىشلاندى. بۇ سانىمىزنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى ئوخشىمىغان مۇددىئا، ئوخشىمىغان ئارزۇ-ئارمانلارنى دىلىغا پۈكۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىن ئايرىلىپ ئىچكىرىدە ۋە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان «سىرتتىكى يۇرتداشلار» غا ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى ھېكايىلىرىگە قاراتتۇق. ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۆپ مىللەتلىك، كۆپ خىل ئادەت ۋە مەدەنىيەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن تىپىك ئوتتۇرا ئاسىيا خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، رايوننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، يۇرتىمىزدىن چىقىپ، باشقا رايون ۋە دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان باشقا رايونداشلىرىمىزغىمۇ ئوخشاشلا ئورۇن بەردۇق.

مەزكۇر سانىمىزدىكى بۇ يېڭى تېمىغا يېتەرلىك يەر ھازىرلاش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ژورنالدىكى بەزى سەھىپىلەرنى بۇ ساندا ئاچماي تۇردۇق. نەتىجىدە، بۇ سانىمىزدا جۇغراپىيەشۇناس پروفېسسور ستېفان دۆ تاپىيانىڭ داۋاملىق يېزىپ كېلىۋاتقان « ئۇيغۇر رايونىغا نەزەر» سەھپىسى ۋاقىتلىق قىسقارتىلدى. يەنە دەل مۇشۇ سەۋەپتىن، ئۇيغۇرچە ۋە فىرانسۇزچە ئىككى تىلنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان «سەنئەت گۈلزارى» سەھىپىمىزنىڭ ئورنىنىمۇ دىيارىمىزدىن چىقىپ، ياقا-يۇرتلاردا نەتىجە قازىنىشقا تىرىشىۋاتقان قىز-ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئوبرازى ئىگەللىدى. ئەمما كىيىنكى سانىمىزدىن تارتىپ، بۇ ئەنئەنىۋى سەھىپىلىرىمىز يەنە قايتىدىن ئورنىنى تېپىۋالىدۇ.

ژورنىلىمىزنىڭ بۇ سانىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولغان ئاساسلىق تېما ئۇيغۇر رايونىدىلا ئەمەس، يەنە پۈتۈن جوڭگودا بۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، تونۇلغان ياش فوتوگىراف قۇربانجان سەمەتنىڭ « مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» نامىدىكى چوڭ تىپتىكى فوتو ئاخباراتى ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرىدىن تاللانمىلاردۇر. بۇ ئاخبارات ماقالىسىدا ئىپادىلەنگەن قىسقا، ئاددى ئەمما چىن بولغان تۇرمۇش كارتىنىلىرىغا پارالېل ھالدا، «فىرانسىيەدە ھايات» سەھىپىمىز پارىژدا ئوقۇپ، ئۆز ساھەسىدە نەتىجە قازىنىشقا تىرىشىۋاتقان ئىككى ياش ئوقۇغۇچىمىزنىڭ تەسىرلىك ئوقۇش تەجرىبىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنىدۇ. بۇلارغا يانداش كەلگەن «ئۇيغۇر رايونىدا ياشاش» سەھىپىمىزدە بولسا، غۇلجا بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا ياشاپ، ئۇيغۇر رايونىغا ئوبدان كۆنگەن فىرانسۇز مۇخبىر ۋېغونىك سونىيېنىڭ بىر كىچىك ئۇيغۇر قىزى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىسى ئىنسانلار ئارىسىدىكى دىن، مىللەت ۋە مەدەنىيەتتىن باشقا يەنە ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىزگە روشەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.

بۇلاردىن باشقا يەنە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان «تاغدىن-باغدىن» سەھىپىسىدە، ئۇيغۇر ۋە فىرانسۇز ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىدىن بىر نەچچىنى تونۇشتۇردۇق. بولۇپمۇ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوغدىلىدىغان ئەسەرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن «مەشرەپ» ئولتۇرۇشى ئويۇنىنىڭ قىسقىغىنا تەرتىپى ۋە تۈزۈلمىسىنى ئەسلىتىپ ئۆتتۇق. ئۇندىن باشقا يەنە ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تونۇشلۇق بولغان «فىرانسۇز تىلى» دەرسى داۋاملاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېرىم يىللىق سانغا ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن «دىئاسپورا خەۋەرلىرى» مۇ بۇرۇنقىدىن كېڭەيتىلدى. «ئەدەبىيات ۋە ئىلىم» سەھىپىمىزدە ھەممىمىزنىڭ پەخرى بولغان بىئولوگىيە ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن بولغان سۆھبەت سۇنۇلغان بولسا، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەنە ئامرېكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنىسا نەزەروۋانىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى توغرىسىدىكى تەجرىبىسى تونۇشتۇرۇلدى.

مەدىنىيىتىمىزنىڭ غەرپ دۇنياسىدا تونۇلۇشى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ غەرپ ئىنسان پەنلىرى تەتقىقاتىدا مەخسۇس ئورۇن ئېلىشىنى مەقسەت قىلغان بۇ مەدەنىيەت ۋە ئىلىم بىرلەشتۈرۈلگەن غەرپ تىلىدىكى بىردىنبىر ژورنىلىمىزنى قوللاپ كەلگەن، يېڭىدىن قوللاۋاتقان ۋە مەقسىتىمىزگە يېتىشكە تۈرتكە بولۇۋاتقان سىز ئوقۇرمەنلىرىمىزگە شۇ خوش خەۋەرنى سۇنىمىز : ژورنىلىمىز ھازىر فىرانسىيەدىكى بىر نەچچە نوپۇزلۇق ئالى مەكتەپلەرنىڭ كۈتۈپخانىلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى. فىرانسىيە يۇقىرى پارلامېنىت، تاشقى ئىشلار، كۆچمەنلىك ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكلىرى، شۇنداقلا فىرانسىيەنىڭ جوڭگوشۇناسلىق، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورۇنلىرىمۇ ژورنىلىمىزغا مۇشتەرى بولدى. «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ژورنىلى ھەم ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ھەم شۇنداقلا مەدىنىيىتىمىزگە قىزىققان فىرانسۇز تىلى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئوقۇشلۇقى. شۇڭا بىزنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشىڭلارنى، مۇشتەرى بولۇشۇڭلارنى، باشقىلارغا تەشۋىق قىلىپ قويۇشۇڭلارنى يەنە شۇنداقلا ياخشى ئەسەرلىرىڭلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشۇڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

ئاخىرىدا گۈزەل ياز ئايلىرىدا «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» نىڭ سىلەرگە ياخشى ھەمراھ بولۇشىنى، ۋە ماقالىلەردىن ھوزۇر ئېلىشىڭلارنى تىلەيمىز.

ئۇيغۇرلارغا نەزەر خىزمەت گۇرۇپپىسى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ