Menu Close

ئىنىستىتۇتىمىز رەئىسى دىلنۇر رەيھان پارىژ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى.

 

9-ئاينىڭ16-كۈنى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دوكتور دىلنۇر رەيھان پارىژنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئاغنو نگاتچا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى ھەمدە بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى سەزگۈرلەشتۈرۈش ۋە پارىژدىكى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيىتىنى قوغداش ئارزۇيىمىز ھەققىدە ھەم ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تەھدىتكە دۇچ كەلگەنلىكى توغرىسىدا مۇنازىرلەشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان نۆۋەتتىكى پاجىئە ھەققىدە سۆزلىگەندىن كېيىن،

مۇزاكىرە پارىژ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىنڭ ئىنستىتۇتىنىڭ كۈرىشىنى قوللاش ئۈچۈن قوللىنىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرگە يۈزلەندى. پارىژ شەھىرى بۇلسا دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ پايتەختى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئارقىلىق بىزنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزدە بىزگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇشۇ سەۋەبلىك بىزگە قانداق ياردەم قىلىش مەسىلىسى سورالدى. ھازىر بىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز ئىنستىتۇتقا ئورۇن تېپىش. بۇ بىزنىڭ بارلىق تىل-مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمىزنى بىر يەرگە توپلاش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موللىقىنى پارىژلىقلار بىلەن ئورتاقلىشالايدىغان مۇقۇم ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بىزنىڭ ئىزدىشىمىزدە بىزگە ياردەم قىلىش ئويىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇش سەۋەبىدىن، بۇنڭدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ ، مەمۇرىي ئورگاننىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئىنستىتۇت ئەزالىرى بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ھەمكارلىقنڭ يەنە ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلىقى ۋە بۇ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈدىغانلىقىنى بىلدۇردى.
 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ