Menu Close

» ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ژۇرنىلى يېڭى سانى

مۇھەررىردىن

ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۆت يىلدىن كېيىن، زارىقىپ كۈتكەن «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ 9- سانى مانا ئاخىرى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى !

2013-يىل باھاردىن بېرى، «ئوغۇز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ باشقۇرۇشىدا نەشىردىن چىقىۋاتقان ژۇرنىلىمىزنىڭ ئاخىرقى سانى 2018-يىلى قولۇڭلارغا تەگكەندىن كېيىن، ئۇيۇشمىمىز كېڭىيىپ،ئۇيغۇر ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە ياۋروپادا، بولۇپمۇ فىرانسىيەدە ئۇيغۇر لوبىچىلىق بوشلۇقىنى جىددىي تولدۇرۇش ئۈچۈن، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» غا ئايلاندى. شۇندىن بېرى، ئىنستىتۇتىمىزنىڭ چەكلىك ئىقتىساسلىق ئادەملەر ۋە ئىقتىسادى يۆلەكسىز ھالەتتە، 2019-يىلدىن بېرى، ياۋروپادا، بولۇپمۇ فىرانسىيەدە ئۇيغۇر لوبىچىلىقنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە ئەكىلىش ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز جاپالىق ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ كەلدى. شۇ ۋەجىدىن، ژۇرنىلىمىزنىڭ يېڭى سانى بۇ قەدەر كېچىكىپ كەتتى. مەزكۇر سانىمىزنىڭ «دىئاسپورا خەۋەرلىرى» سەھىپىسىدىن قىلىنغان ئىشلار ۋە يارىتىلغان نەتىجىلەر ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان خىزمەتلەرنى كۆرۈۋالالايسىلەر. ئىنستىتۇتىمىزنىڭ ياۋروپا دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى سەۋەپلىك ۋە خەلقىمىزنىڭ ياۋروپادا تېخىمۇ تونۇلۇشى ئۈچۈن، ژۇرنىلىمىز بۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ زورايماقچى ۋە مۇقىم بىر كەلگۈسى ئۈچۈن، ژۇرنال خىزمەت گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلمەكچى.

ئالدى بىلەن، مەزكۇر سانىمىزنىڭ رەڭدار مەزمۇنلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى :

ژۇرنىلىمىز قۇرۇلغاندىن بېرى فىرانسىيەدە ئاۋانگارت بىر ئورۇننى ئېگەللەپ كەلگەن ئاز ساندىكى بىر ژۇرنال ھېساپلىنىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى ئاياللار ھوقۇقىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرگەنلىگىدۇر. يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بېرى پۈتۈن دۇنيادا شەكىللەنگەن «مىتۇ» ھەرىكىتى قوزغىغان ئومۇمىي جەھەتلەردىن ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا ئالاھىدە ئىپادىسىنى تاپتى. ژۇرنىلىمىزنىڭ مەركىزى تېمىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر ۋە فىرانسۇز ئايال ئەسكەرلەرنىڭ ئارمىيەگە قوبۇل قىلىنىش، جەڭگە قاتنىشىش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشتىكى قۇربانلىقلىرىغا بولغان جەمئىيەت ۋە ئارمىيە مۇئامىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر سېلىشتۇرما قىلىندى. فىرانسۇزچە قىسمىدا، بۈگۈنكى زامان نادىر ئۇيغۇر تارىخچىمىز نەبىجان تۇرسۇننىڭ شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىدىكى ئايال ئەسكەرلەر ھەققىدىكى ماقالىسى بېرىلگەن بولسا، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن، فىرانسۇز تارىخچى ئېلودى ژونونىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا فىرانسۇز ئايال ئەسكەرلەر ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنىڭ تەرجىمىسى سۇنۇلدى.

ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە فىرانسۇزچە قىسىملىرىنى ئورتاق بىر نۇقتىغا ئېلىپ كېلىش رولىنى ئۆتەۋاتقان «سەنئەت گۈلزارى» قىسمىدا بولسا، 2020-يىلى مارت ئېيىدا، ئىنىستىتۇتىمىز تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلايلى» تېمىسىدىكى خەلقئارا رەسىم مۇسابىقىسىدا تاللانغان نادىر ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا سۇنۇلدى. مەزكۇر سانىمىزنىڭ بەتلىرىگە گۈزەل سىزمىلىرى بىلەن رەڭ قوشقان ئاۋىستىرالىيەلىك تالانتلىق ياش بىئولوگ، شائىر ۋە رەسسام مۇنەۋۋەر ئابدۇللانىڭ رەسىملىرى كىرگۈزۈلدى، شۇنداقلا، بىر قىسىم شېئىرلىرى فىرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، فىرانسۇز ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇلدى.

ئۇيغۇرچە قىسمىمىزنىڭ ئەدەبىيات گۈلزارىدا،فىرانسۇز دۇنياسىنىڭ داڭلىق شائىرەسى ئاندىرې شېدىدنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى تونۇشتۇرۇلدى. فىرانسۇزچە ئەدەبىيات سەھىپىمىزدە بولسا، تۈركىيە دىئاسپورامىزدىكى ياش تالانىتلىق ئەدىب ۋە مائارىپچى مۇيەسسەر خەنداننىڭ تۇنجى رومانى «خەير-خوش قۇياش» تۈركىيەدىكى مۇھەممەت توختى ئاتاۋۇللانىڭ قەلىمى ئاستىدا تونۇشتۇرۇلدى.

تىل ئۆگىنىش سەھىپىلىرىمىزدە، ئاخىرقى سانىمىزدا قالغان يەردىن باشلاپ، فىرانسۇز ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى دەرسى ۋە ئۇيغۇر كىتابخانلار ئۈچۈن فىرانسۇزچە دەرس داۋاملاشتۇرۇلدى. تىل تېمىسى يەنە بۇ سانىمىزنىڭ «تاغدىن-باغدىن» سەھىپىسىدە، گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس خاننا بۇردورفنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدىكى ماقالىسىدە ئىپادىسىنى تاپتى. «تۇرمۇش بىلىملىرى» سەھىپىمىزدە بولسا، ژۇرنىلىمىزنىڭ باش مۇھەررىرى كامىيې گىرىن تەييارلىغان «فىرانسىيەدە بالىلار ھوقۇقى» تېمىسىدىكى ماقالىسى بېرىلدى.

يېڭى سانىمىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بېرىشىنى ۋە مەزمۇنلىرىمىزنى سۆيۈپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە. 2023-يىلنىڭ خەلقىمىزگە شانلىق نەتىجىلەر ۋە ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيمىز.

«ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ژۇرنىلى تەھرىراتى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ