Menu Close

بىز كىم؟

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى جىنايەت دەپ قارالغان ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى جىددىي ۋەزىيەتكە كۆرە، ئۇيغۇر كۇلتۇرىنى قوغداش ۋە مەدەنىيىتىنى يېڭىلاش ئۈچۈن ياۋروپادا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىدىغان قۇرۇلما بەرپا قىلىشنى قارار قىلغانلىقىمىز نەتىجىسىدە، فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىللىگەن ئوغۇز ئۇيۇشمىسىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە، 2019-يىلى پارىژدا قۇرۇلدى.

ئىنىستىتۇتىمىز قۇرۇلمىنىڭ ساغلام ئايلىنىشىغا ھەسسە قوشىدىغان ۋە يېڭىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئوخشىمىغان تەجرىبە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە ئۇيغۇر ۋە باشقا ياشلارنىڭ كۆپ يۆلىنىشلىك يادروسىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ يادرولۇق گۇرۇپپىدىن سىرت، بىز يەنە دىئاسپورادىكى باشقا ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا فرانسىيە ۋە ياۋروپادىكى پىدائىيلار، پراكتىكانتلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىمىز.

بىزنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىمىز ئۇيغۇرتىلى ۋە كۇلتۇرىنى قوغداش ۋە يەتكۈزۈشتۇر. بىز فرانسىيىدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا چوڭ بولغان بالىلار ئۈچۈن شەنبىلىك دەرس ئورۇنلاشتۇرىمىز ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇرتىلى ئۆگىتىمىز شۇنداقلا ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ۋە مۇزىكىسى بىلەن تونۇشتۇرىمىز. بۇ بالىلار ئۈچۈن نىھايەت مۇھىم بىر ماكاندۇركى، بۇ يەردە بالىلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى قەدىرلىنىدۇ، بۇ يەردە ئۇلار ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەتنى ۋە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايغۇسىنى چۈشىنىدىغان، ئائىلىلەر ئۈچۈن قىممەتلىك ياردەمدە بولىدىغان كىشىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ئەھۋالدىكى باشقا بالىلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

بىز يەنە يىل بويى ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ۋە پارىژ ئاممىسى ئۈچۈن پائالىيەت تەشكىللەيمىز. بۇ پائالىيەتلەردە بىز ئۇلارنىڭ بارلىققا كەلگەندىن بېرى جانلىق داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر كۇلتۇرىنىڭ موللىقىدىن ھۇزۇرلىنىشىغا يول ئاچىمىز، بۇ پائالىيەتلەر كونسېرت، شېئىر كېچىلىكى، سەنئەت ۋە فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىز ئاكادېمىك دۇنياسىغىمۇ ناھايىتى يېقىن. كۆپىنچىمىز تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ، تۈرلۈك تەتقىقات مەركەزلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بار. ئىنستىتۇتىمىزنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقى توغرىسىدىكى ئىلمىي بىلىملەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىشقا قاتنىشىشى بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا سۆھبەت ۋە يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرىمىز. ئىلمىي بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇشمۇ بىزنىڭ نۇقتىلىق بۇرچىمىز، شۇندىلا كەڭ خەلق ئاممىسى ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ ياخشى تونۇيالايدۇ ۋە چۈشىنەلەيدۇ.

ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەركىبى بولغان ئىندىۋىدۇئاللارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە قىرىشنى مەقسەت قىلغان خىتاي سىياسىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى فرانسىيە ئاممىسىغا تونۇتۇشتا موھىم رول ئوينايمىز دەپ قارايمىز. بىز 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى پەيشەنبە مەملىكەتلىك مەجلىسنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن تۈگەللەنگەن شۇ ئىشنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھالقىلىق تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغانىدۇق. ھالبۇكى، بىزنىڭ كۈرىشىمىز بۇ يەردە توختاپ قالمايدۇ. سىزنى كامپانىيە، تەشۋىقات ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە بېتىمىزدىن نۆۋەتتىكى ۋە ئىلگىرىكى پائالىيەتلىرىمىزنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمىز.

ئاخىرىدا، بىز فرانسىيىدە ۋە ياۋروپادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا مەمۇرىي ياردەم بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.

پارىژدىكى ئىشخانىمىزنىڭ ئېچىلىشىنى پات ئارىدا ئېلان قىلىشنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. بۇ يەردە زىيارەتچىلەر بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزگە قاتنىشالايدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا چايخانىمىزدا ئولتۇرۇپ، كۇتۇپخانىمىزدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات كىتابلىرىنى ئوقۇيالايدۇ ۋە فرانسىيە ئۇيغۇرلىرى ھەمدە پارىژ ئاممىسى بىلەن ئۇلىنىش ئورنىتالايدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ