Menu Close

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى قىلىنغان بارلىق ئىئانىلەر ئۈچۈن تەشەككۈرىنى بىلدۈرىدۇ

ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ بىر رەسمى ئورۇنغا ئېرىشىشى ئۈچۈن «ياۋروپادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغدايلى!» نامىدا ئېلىپ بارغان تور ئىئانە پائالىيىتىگە دەل بىر يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە قىلىنغان ئىئانىلەر 40 مىڭ ياۋرودىن ئاشتى. بۇ قوللاشلىرىڭلارغا بولغان تەشەككۈرىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قانچە سۆز ئىشلەتسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ.

 

كۈنسېرى كۆپەيگەن ياردىمىڭلار بىزگە ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى كوللىكتىپىنىڭ خىزمىتىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭلارنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى نەقەدەر قوللايدىغىنىڭلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

 

بىر يىلدىن بېرى قىلغان ئىئانىلىرىڭلار بىزنى پارىژ شەھرىدە تۇنجى ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش مەقسىتىمىزگە يېقىنلاشتۇردى. مۇشۇنداق رەسمى بىر ئورنىمىزنى ئېچىش مەقسىدىمىزگە يەتكەن ۋاقىتتىن ئېتىبارەن، سىلەرنى ئۇيغۇر چايخانىمىز ۋە مىللىي كۈتۈپخانىمىزدا ئىسسىق چاي، ھەرخىل دەرسلەر،ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە ياكى ئىلمى يىغىنلار بىلەن كۈتۈۋېلىشقا تەقەززامىز.

 

تور ئىئانە پائالىيىتىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ ئىقتىسادى ئىئانىدىن باشقا، ئىنىستىتۇتىمىزغا ۋاقتىنى بېرىشنى ، بىر قەدەر ئۇزۇن مەزگىللىك قوللاش ۋە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز. ياردىمىڭلار بىلەن يەتمەكچى بولغان نىشانلىرىمىزنى روياپقا چىقىرالايمىز ۋە ياكى يىللاردىن بېرى قىلىنىۋاتقان ۋە پىلانلىنىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇپ كېتەلەيمىز. مىسالەن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ياۋروپادىكى ئاساسلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياۋروپالىقلارغا تونۇتۇش مەقسىدىمىزگە يېتەلەيمىز.

 

ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە يېڭى ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەت-پىلانلىرىمىزنى بىلىش ئۈچۈن فېيسبۇك، تىۋىتتىر ۋە ئىنستاگىرام ھېساپلىرىمىزغا ئەگىشىشىڭلارنى، ياكى تور بېتىمىزنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشۇڭلارنى

تەۋسىيە قىلىمىز.

 

http://uyghur-institute.org/index.php/ug

 

ھۆرمەت ۋە تەشەككۈرىمىز بىلەن،

 

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى گۇرۇپپىسى.

 

 

 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ