Menu Close

«ئۇيغۇرلار بىلەن سەپداشلىق: ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىپلەش» رەسىم مۇسابىقىسىگە چاقىرىق


ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەشنى تېما قىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك رەسىم مۇسابىقىسى تەشكىللىمەكچى. 
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توپلانغان ماتېرىيال، تەكشۈرۈش، تەتقىقات ۋە گۇۋاھلىقلار خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان دەھشەتلىك زىيانكەشلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاكادېمىكلار، گۇۋاھچىلار ۋە تاراتقۇلار بىرلىكتە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ خىتتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جازا لاگىرى سىياسىتىنى ئىسپاتلار بىلەن ئېچىپ بەردى.
 
خىتتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «شىنجاڭ» (خىتتاي تىلىدا «يېڭى چېگرا») ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىگە جايلاشقان بۇ رايوننىڭ ئەسلى خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارۋە باشقا تۈركىي يەرلىكلەر خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋە كۆپ خىل شەكىلدىكى ئېغىر باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى : تەخمىنەن 3 مىليون ئۇيغۇرۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان، مىللەتلەر ئارا مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇش، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىش، مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىت ۋە قەبرىستانلىقلىرىنى ۋەيران قىلىش، مەدەنىيەت، دىن ۋە ئانا تىل چەكلىمىسى قويۇش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىش، مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىش، تەشكىللىك باسقۇنچىلىق قىلىش، جىنسىي ئەتكەسچىلىك، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋەھاكازالار.
بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى، قاراتمىلىق ھالدا كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ئېلىپ بېرىش، جازا لاگېر سىياسىتى قاتارلىقلار خىتتاي دائىرلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتىشىمىزغا ئاساس بولالايدۇ.
ھەتتا خىتتاي سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى،  تور ياكى بىۋاسىتە تېلېفون ئارقىلىق ئىز قوغلاپ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ.
مەيلى دىئاسپورا ياكى ۋەتەن ئىچىدە بولسۇن، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى ھەتتا مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىنىڭ تامامەن يوقىتىلىش تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ.
ۋەتەن سىرتىدا ھەربىر كىشىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش، ساقلاپ قېلىشقا ھەسسە ھوقۇش مەجبۇرىيتى بار. بۇ دەل ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتوتىنىڭ نۇقتىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىدىن بىرى.

مۇشۇنداق بىر تارىخى شارائىتتا، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى رەسساملارنى «ئۇيغۇرلار بىلەن سەپداشلىق: ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىپلەش» تېمىسىدا رەسىم مۇسابىقىسىگە سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئويغىتىشنى ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىپلەش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا قوزغىتالىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئەسەر تاپشۇرۇش ۋاقتى :2021 – يىلى 20-مارت.


مۇسابىقە قائىدىلىرى :
دىجىتال (سىفىر) ئەسەر، فورمات : (پ.د.ف)  

300 DPI  

قەغەز چوڭلۇقى : 

210 mm x 297 mm
رەسىم سىزىشتىكى بارلىق قول تېخنىكىلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.
ئەسەردە رەسسامنىڭ ئىسىم فامىلىسى ۋە ئادرېسى چوقۇم بېرىلىشى كېرەك.
ھەربىر قاتناشقۇچى يۇقىرىدا ئېيتىلغان فورمات بۇيىچە 1دىن 3 گىچە ئەسەر تاپشۇرالايدۇ.
پۈتكەن ئەسەرلەرنى تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرېسىغا يوللىسا بولىدۇ :
                                          contact@uyghur-institute.org


مۇكاپاتلار :

ھەربىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىگە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتوتى تەشۋىقات گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئەسەرلىرىنىڭ، نەشىر ھوقۇقى تەلەپ قىلمىغان ھالدا، كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇشىغا ۋە ياكى نەشىر قىلىنىشىغا قوشۇلىشى كېرەك.
بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىشلىتىشكە قارىتا ھەرقانداق شەكىلدىكى نارازىلىقتا بولماسلىقى كېرەك.
مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، قاتناشقۇچىلار قائىدىلەرنى تولۇق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات:
ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى كىتاب.
3 خىل تىلدا نەشر قىلىنىدىغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ژورنىلى «ئۇيغۇرلارغا نەزەر»دە ئەسىرىنى ئېلان قىلىش.
ژورنالنىڭ ئىسمى بېسىلغان رەخت سومكا.

ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات:
مۇسابىقە ئېلان لايىھەسى بېسىلغان مايكا.
3 خىل تىلدا نەشر قىلىنىدىغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ژورنال » ئۇيغۇرلارغا نەزەر» دە ئەسىرىنى ئېلان قىلىش.
ژورنالنىڭ ئىسمى بېسىلغان رەخت سومكا.

ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات :
ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرى.

قاتنىشىش ئۆلچىمى:
يېشى 18 گە توشقان بولىشى.
قاتناشقۇچىنىڭ ئەسىرى ئارقىلىق  ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئارزۇسى بولۇشى.
قاتناشقۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بەتلىرىگە ئەگىشىشى :
Instagram  @european_uyghur_institute
Twitter        @ Uyghur_institute
Facebook    European Uyghur Institute

تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر ئۈچۈن، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلىڭ :
Www.uyghur-institute.org

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ